اختر القاريء

ئۇيغۇرچە

سۈرە شەرھ - عدد الآيات 8
أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ ( 1 ) شەرھ - الآية 1
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
وَوَضَعْنَا عَنكَ وِزْرَكَ ( 2 ) شەرھ - الآية 2
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق
الَّذِي أَنقَضَ ظَهْرَكَ ( 3 ) شەرھ - الآية 3
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق
وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ ( 4 ) شەرھ - الآية 4
سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق
فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا ( 5 ) شەرھ - الآية 5
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا ( 6 ) شەرھ - الآية 6
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
فَإِذَا فَرَغْتَ فَانصَبْ ( 7 ) شەرھ - الآية 7
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (اﷲ قا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَب ( 8 ) شەرھ - الآية 8
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن

اختر اللغة

اختر سوره

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share